ئەڭ يېڭى تونۇشتۇرۇش ھۆججىتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىنى كۆرۈڭ http://www.openoffice.org/welcome/readme.html
بۇ ھۆججەت مەزكۇر پروگراممىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەشغۇلات قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ.
بۇ مەھسۇلاتنى ئېچىشقا مەسئۇل بولغان OpenOffice.org ئىجتىمائىي رايونى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن سىزنى ئىجتىمائىي رايونىمىزغا قاتنىشىشىڭىزنى تەكلىپ قىلىدۇ. يېڭى ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى تور ئادرېسىدىن OpenOffice.org بېكىتىدىكى لازىملىق ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز. http://www.openoffice.org/about_us/introduction.html
تۆۋەندىكى ياكى OpenOffice.org قۇرۇلۇش قىسمىنى كۆرەلەيسىز.
OpenOffice.org ھەممە ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن ھەقسىز. سىز OpenOffice.org نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىغا ئېرىشەلەيسىز، ئۇنى خالىغان كومپيۇتېرغا قاچىلىسىڭىز ھەمدە ئېھتىياجلىق ھەر قانداق ساھە (سودا، ھۆكۈمەت، ئاممىۋى باشقۇرۇش ۋە مائارىپ ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى OpenOffice.org غا قوشۇلغان ئىجازەت كېلىشىم مەزمۇنىدىن كۆرۈپ پايدىلىنىڭ ياكى http://www.openoffice.org/license.html
ھازىر OpenOffice.org نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ھەقسىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنى شەخسىي تۆھپىكارلار ۋە ئىجتىمائىي رايوندىكى تەشەببۇس قىلغۇچىلار لايىھىلەپ، ئېچىپ، سىناپ، تەرجىمە قىلىپ، باھالاپ، قوللاپ، كېڭەيتىپ شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەم بېرىپOpenOffice.org نى بۈگۈنكى كۈندىكى - دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق مەنبە كودى ئاشكارا ئىشخانا يۇمشاق دېتالىغا ئايلاندۇرغان.
ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرمەكچى ھەمدە OpenOffice.org تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، بۇ قۇرۇلۇشقا ئازراق تۆھپە قوشماقچى بولسىڭىز، تەپسىلاتىغا تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ. ھەر كىم تۆھپە قوشالايدۇ. http://contributing.openoffice.org .
Linux يادرو نەشرى 2.6.18 ياكى يۇقىرى نەشرى
glibc2 نەشرى 2.5 ياكى يۇقىرى
gtk نەشرى 2.10.4 ياكى يۇقىرى
Pentium ماسلىشىدىغان يەككە كىشىلىك كومپيۇتېر(PC) (Pentium IIIياكىAthlon تەۋسىيە قىلىنىدۇ)
256 MB RAM (512 MB RAM تەۋسىيە)
1.5 GB يۇقىرى ئىشلىتىلىشچان دىسكا بوشلۇقى
1024x768 پەرق ئېتىش نىسبىتىگە ئىگە X مۇلازىمىتىر (تېخىمۇ يۇقىرى پەرق ئېتىش نىسبىتى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ)، ئاز دېگەندە 256 خىل رەڭ بولۇشى لازىم
كۆزنەك باشقۇرغۇ
gail 1.8.6 ۋە at-spi 1.7 پروگرامما بوغچىسىغا ئىگە Gnome 2.16 ياكى يۇقىرى نەشرى، قوشۇمچە تېخنىكا قورالى (AT tools)قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ
Linux تارقىتىش نەشرىنىڭ كۆپ خىل تۈرى بار، ھەتتا ئوخشاش بىر يۈرۈشتىمۇ ئوخشىمىغان قاچىلاش تاللانمىسى بار (KDE vs Gnome قاتارلىق). بەزى يۈرۈشلۈكلەر ئۆزىنىڭ يەرلىك OpenOffice.org نەشرىنى قاچىلىغان، بۇ نەشرلىرى بەلكىم ئىجتىمائىي رايوننىڭ OpenOffice.org نەشرى بىلەن ئىقتىدارى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئادەتتىكى نىسبەتەن بىخەتەر بولغان ئۇسۇل ئىجتىمائىي رايون نەشرىنى قاچىلاشتىن ئىلگىرى يەرلىك نەشرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشتۇر. قانداق قىلىش توغرىسىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرنى شۇ يۈرۈشلۈكنىڭ پۈتۈكىدىن كۆرۈڭ.
يۇمشاق دېتال ئۆچۈرۈش ياكى قاچىلاشتىن ئىلگىرى سىستېمىنى زاپاسلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
سىستېمىڭىزدا يېتەرلىك ئىشلىتىلىشچان ئەسلەك بوشلۇقى ۋە ۋاقىتلىق مۇندەرىجىدە بوشلۇقى ھەمدە ئوقۇش، يېزىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ. قاچىلاشنى باشلاشتىن ئىلگىرى باشقا بارلىق قوللىنىشچان پروگراممىلارنى يېپىڭ.
بۇ نەشرىدىكى OpenOffice.org دىكى Berkeley ساندان موتورى يېڭىلاندى. \t\tبۇ ساندان موتورىنىڭ يېڭىلىنىشى 3.2 نەشرىدىن ئىلگىرىكى OpenOffice.org نەشرىگە قاچىلانغان كېڭەيتىلگەن ئىشلەتكۈچى سانلىق مەلۇماتى بىلەن ماسلاشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،\t\tئەگەر OpenOffice.org نەشرىنى تۆۋەنلەتسىڭىز ئۇ ھالدا بىر قىسىم مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز ئاندىن ماسلىشىشچانلىققا ئېرىشەلەيسىز.
كېڭەيتىلمىنى قاچىلاش ياكى چىقىرىۋېتىشتە، بۇ نەشرىدىكى OpenOffice.org كېڭەيتىلگەن سانداننى يېڭى نەشرىدىكى Berkeley ساندان فورماتىغا ئايلاندۇرىدۇ. \t\tبۇ ئايلاندۇرۇشتىن كېيىن، ئىلگىرىكى نەشرىدىكى OpenOffice.org بۇ سانداننى ئوقۇيالمايدۇ.\t\tدەرىجىسى ئىلگىرىكى نەشرىگە چۈشۈرۈلسە قاچىلاش خاتالىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئەگەر OpenOffice.org نىڭ دەرىجىسى ئىلگىرىكى نەشرىگە تۆۋەنلىتىلسە ئۇنداقتا\t\tئىشلەتكۈچى سانلىق مەلۇمات مۇندەرىجىسى{user data}/uno_packages، مەسىلەن ~/.openoffice.org/3/user/uno_packages نى ئۆچۈرۈڭ، ئاندىن ھەممە كېڭەيتىلمىنى قايتا قاچىلاڭ.
ئەگەر OpenOffice.org نى قوزغىتىشتا كاشىلا (ئەڭ گەۋدىلىكى Gnome مۇھىتى ئىشلەتكەندە) كۆرۈلسە، OpenOffice.org قوزغاتقاندا ئىشلىتىدىغان shell دىكى SESSION_MANAGER مۇھىت پارامېتىرىنى قايتا بەلگىلەڭ. سىز "[office folder]/program" مۇندەرىجىسىدىن soffice shell قوليازمىسىنى تاپالايسىز، ھۆججەتنىڭ باشلىنىش قىسمىغا "unset SESSION_MANAGER" قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
كۆرسىتىش كارتا قوزغىتىش پروگراممىسى دائىم OpenOffice.org نىڭ قوزغىتىش كاشىلىسى (مەسىلەن، قوللىنىشچان پروگرامما ئېسىپ قويۇش) ۋە ئېكراندا كۆرسىتىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق مەسىلە كۆرۈلسە، كۆرسىتىش كارتىڭىزنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى يېڭىلاڭ ياكى مەشغۇلات سىستېمىسى تەمىنلىگەن كۆرسىتىش قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ. ئەگەر ئۈچ ئۆلچەملىك ئوبيكېتنى كۆرسەتكەندە مەسىلە كۆرۈلسە، «قورال-تاللانما-OpenOffice.org-كۆرۈنۈش-ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈش» تىن "OpenGL ئىشلەت" نى چەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىڭ.
OpenOffice.org دا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسى ئالدىن بېكىتمىگەن تېز كۇنۇپكا (بىرىكمە كۇنۇپكا)نىلا ئىشلىتەلەيدۇ. ئەگەر OpenOffice.org ياردىمىدە بايان قىلىنغان بەزى بىرىكمە كۇنۇپكىلار OpenOffice.org نى ئىشلەتكەندە رولى بولمىسا بۇ تېز كۇنۇپكىلارنى مەشغۇلات سىستېمىسى ئىگىلىگەن ئىگىلىمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر بۇ توقۇنۇشنى يوقاتماقچى بولسىڭىز مەشغۇلات سىستېمىڭىز كۆڭۈلدىكى تېز كۇنۇپكىسىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، OpenOffice.org دىكى زور كۆپ قىسىم تېز كۇنۇپكىلارنى قايتا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى OpenOffice.org ياردىمى ياكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ياردەم پۈتۈكىدىن كۆرۈپ پايدىلىنىڭ.
OpenOffice.org دا كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا ھۆججەت قۇلۇپلاش قوزغىتىلغان. توردا ئىشلىتىدىغان تور ھۆججەت سىستېما كېلىشىمى (NFS)دىكى , NFS خېرىدارىدا جەرياننى قۇلۇپلاش چوقۇم ئاكتىپ بولۇشى لازىم. ھۆججەت قۇلۇپلاشنى چەكلەشتە soffice قوليازمىنى تەھرىرلەپ، "export SAL_ENABLE_FILE_LOCKING" قۇرنى "# export SAL_ENABLE_FILE_LOCKING"غا ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر ھۆججەت قۇلۇپلاشنى چەكلىسىڭىز،پۈتۈكتىن بىرنى يېزىشتا كىمنىڭ بۇ پۈتۈكنى بىرىنچى بولۇپ ئاچقانلىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئاگاھلاندۇرۇش: ئەگەر Linux NFS 2.0 دا بىرلا ۋاقىتتا Solaris 2.5.1 ۋە 2.7 ئىشلەتكەن بولسا ھۆججەت قۇلۇپلاش ئىقتىدارى قوزغىتىلغاندىن كېيىن كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ سىستېما مۇھىتىڭىزدا بۇ پارامېتىرلار بولسا ھۆججەت قۇلۇپلاش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز. بولمىسا Linux كومپيۇتېرىنىڭ NFS قاچىلاش مۇندەرىجىسىدىن ھۆججەت ئاچقاندا، OpenOffice.org ئاخىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
OpenOffice.org غا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ئىقتىدارغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى تۆۋەندىكى تور بەتتىن كۆرۈڭ، http://www.openoffice.org/access/
يۇمشاق دېتال قاچىلىغاندا ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ مەھسۇلاتنى خەتلىتىش جەريانىنى تاماملاڭ. گەرچە خەتلىتىش ئۆز ئىختىيارىچە بولسىمۇ خەتلىتىشىڭىزگە ئىلھام بېرىمىز، چۈنكى بۇ ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي رايوندا تېخىمۇ ياخشى يۇمشاق دېتال يۈرۈشىنى ياساشقا ياردەم بېرىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ. OpenOffice.org ئىجتىمائىي رايونى بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ بىخەتەرلىك تاكتىكىسى ئارقىلىق سىزنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى قوغدايدۇ. ئەگەر قاچىلىغاندا خەتلىتىشنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسىڭىز، كېيىن ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاساسىي تىزىملىكتىن "ياردەم > خەتلەش" ئارقىلىق خەتلىتەلەيسىز.
سىزنىڭ توردىكى «ئىشلەتكۈچى تەكشۈرۈش»نى تولدۇرۇشىڭىزنى ئىلھاملاندۇرىمىز. بۇ «ئىشلەتكۈچى تەكشۈرۈش»نىڭ نەتىجىسى OpenOffice.org كېيىنكى ئەۋلاد ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېڭى ئۆلچەم بېكىتىشتە ياردەم بېرىدۇ.OpenOffice.org ئىجتىمائىي رايونى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ شەخسىيەت تاكتىكىسى ئارقىلىق شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى قوغدايدۇ.
قوللاش باش بېتىhttp://support.openoffice.org/دە OpenOffice.org نىڭ مۇمكىن بولغان ھەر خىل ياردەملىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ سوئالىڭىزغا ئاللىبۇرۇن جاۋاب بېرىلگەن بولسا -ئىجتىمائىي رايون مۇنبىرى http://user.services.openoffice.org نى تەكشۈرۈڭ ياكى 'users@openoffice.org' ئېلخەت تىزىملىك ئارخىپى http://www.openoffice.org/mail_list.html دىن ئىزدەڭ. ياكى سوئالىڭىزنى users@openoffice.org غا ئەۋەتىڭ. ئېلخەت تىزىملىكى (ئېلخەت مەنزىل جەزملەش زۆرۈر)گە مۇشتەرى بولۇش تۆۋەندىكى بەتتە چۈشەندۈرۈلگەن: http://wiki.services.openoffice.org/wiki/Website/Content/help/mailinglists.
Za podršku unutar zajednice OpenOffice.org korisnika u Srbiji posetite http://sr.openoffice.org/podrska.html . Dopisna lista na srpskom jeziku je dostupna na e-adresi users@sr.openoffice.org. Posetite prethodnu stranicu da saznate o pretplati na listu i pretražite javno dostupnu arhivu.
За подршку унутар заједнице OpenOffice.org корисника у Србији посетите http://sr.openoffice.org/podrska.html . Дописна листа на српском језику је доступна на е-адреси users@sr.openoffice.org. Посетите претходну страницу да сазнате о претплати на листу и претражите јавно доступну архиву.
شۇنىڭ بىلەن بىللە تۆۋەندىكى ئادرېستىن دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى كۆرەلەيسىز http://wiki.services.openoffice.org/wiki/Documentation/FAQ.
OpenOffice.org تور بېكىتىدىكى IssueZilla بولسا دوكلات، ئىز قوغلاش ۋە خاتالىق ۋە مەسىلە ھەل قىلىش مىخانىزمى. بىز بۇ خىل ھوقۇقىڭىزغا ئىلھام بېرىمىز ھەمدە سىزنىڭ مۇئەييەن سۇپىدا كۆرۈلگەن مەسىلىنى دوكلات قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. كۈچلۈك بولغان مەسىلە دوكلاتى ئىشلەتكۈچى ئاممىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ۋە ئالغا بېسىۋاتقان ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
سىزنىڭ مەنبە كودى ئاشكارا بولغان بۇ مۇھىم تۈر تەرەققىياتىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىڭىز OpenOffice.org ئىجتىمائىي رايونىغا كۆپ ياردىمى بار.
ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىز مەزكۇر يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى قىممەتكە ئىگە بىر قىسمىغا ئايلاندىڭىز. بىز ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن سىزنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشىڭىزغا ھەمدە ئىجتىمائىي رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۆھپىكارى بولۇشىڭىزغا مەدەت بېرىمىز. بىزگە قوشۇلۇپ تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ: http://www.openoffice.org
تۆھپە قوشۇشقا باشلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىر ياكى بىر قانچە ئېلخەت تىزىملىكىگە مۇشتەرى بولۇپ، بىر مەزگىل ئېلخەتلەرنى يوشۇرۇن ئوقۇپ ئاندىن بارا-بارا ئېلخەت ئارخىپىنى ئىشلىتىپ 2000- يىلى 10 ئايدا OpenOffice.org نىڭ مەنبە كودىنى تارقاتقاندىن بۇيانقى كۆپ خىل مۇناسىۋەتلىك باش تېما بىلەن تونۇشۇڭ. ئاندىن مۇۋاپىق دەپ قارىغان ۋاقىتتا سىز ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرغان ئېلخەتتىن بىرنى يېزىپ بىزگە قوشۇلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز مەنبە كودى ئوچۇق (Open Source) قۇرۇلۇشىغا پىششىق بولسىڭىز، بىزنىڭ To-Do تىزىملىكىمىزنى كۆرۈپ سىز ياردەم قىلالايدىغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈڭ.http://development.openoffice.org/todo.html
تۆۋەندىكى تور ئادرېسىدا مۇشتەرى بولۇشقا بولىدىغان تۈرلەرنىڭ ئېلخەت تىزىملىكى بار. http://www.openoffice.org/mail_list.html
خەۋەر: announce@openoffice.org *ھەممە ئىشلەتكۈچىگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ* (ئېلخەت سانى ئاز)
ئاساسىي ئىشلەتكۈچى مۇنبىرى: user@openoffice.org *يوشۇرۇن رەۋىشتە مۇنبەرگە قاتنىشىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى* (ئېلخەت سانى كۆپ)
سېتىش تۈرى: dev@marketing.openoffice.org *يۇمشاق دېتال ئېچىشتىن باشقا مەسىلىلەر* (ئېلخەت تەدرىجىي كۆپىيىدۇ)
ئادەتتىكى كود تۆھپىكارلىرى تىزىملىكى: dev@openoffice.org (ئېلخەت سانى ئوتتۇرىھال/كۆپ)
سىزنىڭ يۇمشاق دېتال لايىھىلەش ۋە كود يېزىش تەجرىبىڭىز يېتەرلىك بولمىسىمۇ مەنبە كودى ئاشكارا بولغان بۇ مۇھىم قۇرۇلۇشقا ئاساسلىق تۆھپە قوشالايسىز، شۇنداق، سىزمۇ تۆھپە قوشالايسىز!
بىزنىڭ قۇرۇلۇش دائىرىمىز يەرلىكلەشتۈرۈش، باشقا سۇپىغا يۆتكەش ۋە ھەقىقىي يادرولۇق كود قۇرۇلۇشىغا گۇرۇپپىلاش قاتارلىق. ئەگەر سىز پروگرامما يازغۇچى بولمىسىڭىز ھۆججەت تەھرىرلەش ياكى سودا تۈرىنى سىناپ بېقىڭ. OpenOffice.org سودا تۈرى سەييارە ۋە ئەنئەنىۋى سودا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كودى ئاشكارا يۇمشاق دېتالنى كېڭەيتىدۇ، بىز تىل ۋە مەدەنىيەت توسالغۇسىدىن ھالقىپ مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى كېڭەيتىۋاتىمىز، شۇڭلاشقا سىز پەقەت مۇشۇ سۆزلەرنى تارقىتىپ مەزكۇر ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنى دوستلىرىڭىزغا بىلدۈرسىڭىز بىزگە ياردەم قىلغان بولىسىز.
بۇ جايدا سىز تۇرۇشلۇق دۆلەت، رايون، يەرلىك ئىجتىمائىي رايوننىڭ نەشرىياتى، تاراتقۇ، ھۆكۈمەت ئورگىنى، ۋاكالەتچى، مەكتەپ، Linux ئىشلەتكۈچى گۇرۇپپىسى ۋە پروگرامما يازغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىش مۇھىم نۇقتىلىرىنى تەمىنلىيەلەيسىز.
سىزنىڭ يېڭى OpenOffice.org 3.3 نى خۇشھال ئىشلىتىشىڭىزنى ، توردا سېپىمىزگە قوشۇلۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
OpenOffice.org ئىجتىمائى رايونى
Portions Copyright 1998, 1999 James Clark. Portions Copyright 1996, 1998 Netscape Communications Corporation.